Uyghur←Chinese主要词典
ھۈجەيرىنىڭ سىرتقى ئورىغۇچىسى
领域: بىئولوگىيە细胞外被
xìbāowàibèi
ھۈجەيرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى تۈزگۈچى قىسمى بولۇپ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى خىمىيىلىك تەركىبى ۋە فۇنكىسىيىسى ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈر پەرقىگە قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى ئورىغۇچىسى سېلليۇلوزىدىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە پوستى بولۇپ، كۆپ قەۋەتلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە. باكتېرىيىنىڭ سىرتقى ئورىغۇچىسىمۇ ھۈجەيرە پوستى بولۇپ، ئاساسەن ھۈجەيرە پوست ماددىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ھۈجەيرە پوستىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيىسى ھۈجەيرىنى قوغداش ھەمدە ئۇنى بەلگىلىك شەكلىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بەزى باكتېرىيە ھۈجەيرە پوستىدا باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن بولغان قوشۇمچە تۈزۈلۈشلىرى، مەسىلەن، كىرپىك تۈكچىلىرى بولىدۇ. ھايۋان ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى ئورىغۇچىسى پلازما پەردىسىنىڭ سىرتىغا سوزۇلۇپ چىققان تىۋىتسىمان، يېپىشقاق، كۆپ قەنتلىك قەۋىتى (قېلىنلىقى تەخمىنەن 2.0 مىكرومېتر) بولىدۇ. ئېمىتكۈچىلەرنىڭ ئىنچىكە ئۈچەي ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ سىرتىدىن ئورىغۇچىسى قەنت كاسىسى دەپ ئالاھىدە نام بېرىلگەن بىر خىل پولىساخارىد - پروتېئىنلىق كومپلېكس بىرىكمىدۇر. بۇ سىرتقى ئورىغۇچىلارنىڭ قوغداش، مولېكۇلىلارنى پەرق ئېتىش، ئېنزىم قاتارلىق روللىرى بولۇشى مۇمكىن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。