Uyghur主要词典
ھۇبەل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «پار»، «روھ» دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمكى ئەرەبلەر چوقۇنغان بۇت، ئادەم ئوبرازىغا ئىگە. مەككىدىكى كەبىنىڭ ئىچىگە قويۇلغان. ئۇنىڭ يېنىغا پالچىلار پال سالىدىغان پال ئوقلىرى قويۇپ قويۇلغان. ئىبنى ھىسامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بۇت مىسۇپوتامىيىدىن مەككىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاساسلىق ئىلاھلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 630 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، ھۇبەلنىمۇ باشقا بۇتلار بىلەن بىللە چىقىۋەتكەن.