Chinese→Uyghur主要词典
胡贝尔土斯堡和约
دۇنيا تارىخى
خۇبېرتۇسبۇرگ سۈلھ شەرتنامىسى
1763 - يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيە، ساكسېن بىلەن خۇبېرتۇسبۇرگدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1756 - 1763)، ئەنگلىيە، پرۇسسىيە بىر تەرەپ، فرانسىيە، ئاۋستىريە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقان. دەسلەپ پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى يەڭگەن. 1757-يىلى روسىيە ئارمىيىسى شەرقىي پرۇسسىيىگە ھۇجۇم قىلغان. 1760-يىلى بىر مەھەل بېرلىننى ئىشغال قىلىپ، پرۇسسىيىنى ھالاكەت گىردابىغا كەلتۈرۈپ قويغا. لېكىن، 1762-يىلى چار پادىشاھ پېتر Ⅲ تەختكە چىقىپ پرۇسسىيىگە يان باسىدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇپ، پرۇسسىيىنى سىياسىي، ھەربىي بوھراندىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فرانسىيە ئۇرۇش داۋامىدا مالىيەسى قۇرۇقدىلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن ساكسېنغا ياردەم بېرىشكە ئىلاجسىز قېلىپ، ئاخىر 1763-يىلى مەزكۇر شەرتنامىگە ئىمزا قويغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، پرۇسسىيە سىتسىلىيىدىكى ئىگىدارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىش، لېكىن مارىيە تېرېسانىڭ ئوغلى يوسېفنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلىنىشىنى قوللىشى بەلگىلەنگەن.