Chinese→Uyghur主要词典
化学偶联假说
بىئولوگىيە
خىمىيىلىك جۈپلىشىش تەلىماتى
بۇ تەلىمات ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ئاساسىي ماددا سەۋىيىسىدە فوسفاتلىشىپ، بىۋاستە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفو ئېستېر بېغىنى ھاسىل قىلىشىدىن باشلىنىدۇ، ئېلېكترونلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى جەريانىدا ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە ئورتاق بىر خىمىيىلىك ئارىلىق ماددىدىن ATP گە يۆتكىلىدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا، خوندىرىئوسوما پەردە ئۇۋىقىدىن بەش خىل بىرلەشتۈرگۈچى فاكتور ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى F 1 ساپ ھالدا ئاجرىتىۋېلىنغان، مولېكۇلا ئېغىرلىقى 320 مىڭ دالتون بولغان بىر تەكشى ئاقسىلدۇر، جۈپلەشتۈرگۈچى فاكتور چىقىرىپ تاشلانسا، جۈپلەشمەي يېشىلىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئېلېكترونلارنىڭ ئاساسىي ماددىدىن ←O 2 گە ئېقىش مىقدارى كونترولسىز قېلىپ ATP ھاسىل بولمايدۇ. بۇ تەلىمات ئوكسىدلىنىش فوسفاتلىشىش تەتقىقاتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. لېكىن يەنە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغاچقا كېيىن يەنە كونفورماتسىئونال - جۈپلىشىش تەلىماتى قاتارلىقلارغا يۈزلەندى.