Chinese→Uyghur主要词典
怀疑学派
دۇنيا تارىخى
گۇمانخورلۇق ئېقىمى
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا روسىيەدە بارلىققا كەلگەن تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ئېقىمى. بۇلار تارىخ ماتېرىياللىرىغا قارىتا تەنقىدىي (گۇمان قىلىش) پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى كاچېنوۋىسكى (1775 - 1842). بۇ ئېقىم تارىخ بىر خىل پەن، ھەرگىز مەنىۋى جەھەتتىكى ۋەز - نەسىھەت ئەمەس دەپ قارىغان. كارامزىن يازغان : <روسىيە دۆلەت تارىخى> ئاساس قىلغان تارىخى ماتېرىياللارنىڭ چىنلىقى ۋە ئۇنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە <رۇس قەدىمكى زامان قانۇنى> قاتارلىق تارىخىي يازما يادىكارلىقلاردىن گۇمانلانغان. رۇس دۆلىتىنىڭ نورمانلاردىن پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى تەلىماتقا قارشى تۇرۇپ، رۇس دۆلىتى كازاكلاردىن كېلىپ چىققان، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ۋارانگىلارنى بالتىق دېڭىزى رايونىدا ياشىغۇچى سلاۋىيانلار دەپ ئۇلارنىڭ نۇقتىئەنەزەرلىرى قاتتىق تەنقىدگە ئۇچرىغان ھەمدە كەڭ كۆلەمدە بەس - مۇنازىرە قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ تارىخشۇناسلىقنىڭ نوپۇزىنى تەۋرىتىپ، روسىيە بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ قالغان.