Uyghur主要词典
ھېرودوت
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن تەخمىنەن 254 - 484 يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇنان تارىخشۇناسى. قەدىمكى زامان رىم يازغۇچىسى سېسېرون ئۇنى <تارىخچىلارنىڭ ئاتىسى> دەپ ئاتىغان. كىچىك ئاسىيادىكى ھالىكارناسۇس شەھىرىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق چاغلىرىدا ئېئونىيە مەدەنىيىتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئوبدان تەربىيە كۆرگەن. ياش - قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىدىكى تىراننى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سىياسىي ككۈرىشىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ساموس ئارىلغا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن تىران ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەھەل يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ھەرقايسى جايلارغا سەپەر قىلغان، شەرقتە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغىچە، جەنۇبتا مىسىرغىچە بارغان، غەربتە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ۋە سىتسىلىيىگىچە، شىمالدا قارا دېڭىز بويلىرىغىچە يېتىپ بارغان. بۇ مەزگىلدە ھەممە يەردىن قەدىمكى يادىكارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىپ زىيارەت قىلغان، دۇنيادا ئۆتكەن قەدىمكى ۋەقەلەرنى توپلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 447 - يىلى ئافىناغا كېلىپ، سىياسىئون پېرىكلېس، تراگېدىيە يازغۇچىسى سوفوكلېس قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يېقىن ئالاقە قىلغان ھەمدە مەدەنىيەت پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئەينى زاماندىكى ئافىنا دېموكراتىيە تۈزۈمىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان. مىلادىدىن 443 يىل ئىلگىرى تورئى شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، بۇ شەھەرنڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئافىنادىكى مەزگىلدە، يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا بەل باغلىغان، كېيىن ئىخلاس بىلەن <تارىخ> )<يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى>( نى يېزىشقا كىرىشكەن. ئېھتىمال ۋاپات بولغىچە بۇنى تاماملىيالمىغان بولسا كېرەك. بۇ كىتاب غەربنىڭ تۇنجى تارىخىي ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاب جەمئىي 9 توم بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى 5 تومى )5 - تومىنىڭ 28 - بابىغا قەدەر قىسمى( دا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى، جۇغراپىيىۋى يەر شەكلى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە توختالغان. 5 - تومنىڭ 29 - بابىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرىغىچە مەخسۇس يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغان؛ كىتابتا قەدىمكى دۇنيادىكى 20 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تارىخىي ماتېرىيالغا مول، بۇنى <كىچىك قامۇس> دېيىشكە بولىدۇ. پۈتكۈل ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ تىلى راۋان، ئۇسلۇبى جانلىق، خېلىلا ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە. ئاپتور گەرچە تەقدىرگە خۇراپىيلەرچە ئىشەنگەن؛ ئەسەردە قۇيۇق دىنىي ئىدىيە ساقلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈپ ئېنقىلاشقا سەل قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ كىتابى يەنىلا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە گرېتسىيە رايونلىرىنىڭ <ئومۇمىي تەزكىرىسى> بولۇپ، قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھازىر خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.