Uyghur←Chinese主要词典
ھېرلېي
دۇنيا تارىخى
赫尔利
hè ěr lì
(1883 - 1963) ئامېرىكا ئەمەلدارى. دەسلەپ ئادۋوكات، سوتچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىدە ئۇرۇش قىلغان. پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1929 - 1933 - يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ كېيىن يېڭى زېنلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1944 - يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ شەخسىي ۋەكىلى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كەلگەن، يىل ئاخىرىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. گومىنداڭ جياڭ جيېشىنىڭ كومپارتىيىگە، خەلققە قارشى سىياسىتىنى قوللاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 1945 - يىلى ۋەزىپىدىن ئايرىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن.