Uyghur主要词典
ھىرات جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئافغانىستاندىكى ئەڭ كاتتا قەدىمكى قۇرۇلۇش بولۇپ، ئورنى ھىرات شەھىرىدە. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىردە بۇ يەر زاراتوسترا دىنىنىڭ نەزىر ئۆتكۈزىدىغان جايى بولغان. Ⅺ ئەسىردە بۇ يەرگە مەسچىت سېلىنغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى مەسچىت قايتا سېلىنغان. شۇنىڭدەك كېيىن مەسچىت بىر نەچچە ئەسىر رېموتسىز قېلىپ، 1943 - يىلى رېمونت قىلدۇرۇلغان. مەركىزى ھويلىنىڭ چۆرىسىگە تۇتاش ئەگمە كارىدور سېلىنغان. مەسچىتنىڭ تۆت دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلار ئىنچىكىلىك بىلەن زىننەتلەنگەن. غەربتىكى دەرۋازا ئەڭ چوڭ. مەسچىتتە ئۇچلۇق ئىككى مۇنار بولۇپ، مۇنارلار رەڭلىك ساپاللار بىلەن چىرايلىق نۇسخىلاردا بېزەلگەن؛ تەكتى قېنىق كۆك بولۇپ، ئاق غۇنچىلەر، ئارىسىغا سېرىق گۈللەر چىقىرىلغان. ئىشلىتىلگەن ساپال سۇس يېشىل، سارغۇچ قىزىل، قېنىق يېشىل رەڭلەردە بولۇپ، تەكتىدىكى قېنىڭ يېشىل رەڭ ئۈستىدىكى نەقىشلەر ئاجايىپ ماسلاشقان، ئويما ئەسەرلىرىدەك كۆزنى چاقنىتىدۇ.