Uyghur←Chinese主要词典
ھېراكلىت
دۇنيا تارىخى
赫拉克利特
hè lā kè lì tè
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 535 - 475) قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىكى پەيلاسوپ، ساددا ماتېرىيالىست، دىئالېكتىكىچى، ئېفېس (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي تەرەپتە) دىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس، ياش ۋاقتىدا ھەرقايسى جايلارنى ئايلانغان، ئەمەلدار بولۇشنى خالىمىغان، ھاكاۋۇر، تىلى ئۆتكۈر بولۇپ، بولۇپ، بىر مۇنچە ئاتاقلىق كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پېرسىيە پادىشاھى دارا ئۇنىڭغا ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرگەندە، ئۇ رەت قىلغانىكەن. كېيىن تاغلاردا تۇرۇپ، دەرۋىشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇپ، خۇددىي جاھان ئويناشقاندەك ئىش قىلغان ھەم يەنە بىر قەدەر سىرلىق بولغان. ئۇنىڭ چۈشەنچىلىرى ئېلىياچىلار (پارمېنىد قاتارلىقلار) نىڭ شەيئىلەر مەڭگۈ <مەۋجۇت> بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەن تەشەببۇسىغا زادى ئوخشىمايدۇ، بۇ، ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىش - دۇنيادىكى ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە بولمايدۇ. ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئالەمنى ئىلاھ ياراتقان ئەمەس، ئادەم ياراتقانمۇ ئەمەس، ئالەمنى شەكىللەندۈرگەن ئېلېمېنت ئوت، ئوت مەلۇم چەكتە توختىماي كۆيۈپ تۇرىدۇ، مەلۇم چەكتە ئۆچۈپ تۇرىدۇ، ھەممە نەرسە ئوتتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئوتتا يوقىلىدۇ ۋە ئوتقا قايتىدۇ، <خۇددى تاۋار ئالتۇنغا، ئالتۇن تاۋارغا ئالماشتۇرۇلغىنىدەك ھەممە نەرسە ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئوتمۇ ھەممە نەرسىگە ئايلىنىدۇ> دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى شۇكى، ھەممە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، ھەممە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئوخشاش بىر ئېقىنغا ئىككى قېتىم كىرەلەيدۇ، چۈنكى توختىماي ئېقىۋاتقان سۇ مەڭگۈ ئالغا قاراپ ئاقىدۇ. كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالغاندەك، ھەر كۈنىدىكى قۇياشمۇ يېڭى قۇياش بولىدۇ. ئۆزگىرىش قارىمۇ - قارشى تەرەپنىڭ كۈرىشىدىن پەيدا بولىدۇ، <قارىمۇ - قارشى تەرەپلەر بىر - بىرىگە ئايلىنالايدۇ، قارىمۇ - قارشىلىق ماسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ>، قارىمۇ - قارشى بولغاندىلا ئاندىن بىرلىككە كەلگەن دۇنيا بولىدۇ. بىرلىك (ئىناقلىق) نىسىپىي بولىدۇ، قارىمۇ - قارشىلىق (كۈرەش) مۇتلەق بولىدۇ. <ئۇرۇش (كۈرەش) ھەممە نەرسىنىڭ ئاتىسى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىر قەدەر تۆۋەن، پەلسەپە ۋە پەن بىرگەۋدە قىلىنغان قەدىمكى زامان شارائىتىدا ئۇنىڭ مۇشۇ قىياسلىرى دىئالېكتىك ماتېرىيالىستىك پرىنسىپىغا بېرىلگەن ساددا چۈشەندۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېنىن ئۇنى <دىئالىكتىكىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى> دەپ ئاتىغانىدى (<لېنىن ئەسەرلىرى>، 38 - توم، خەلق نەشرىياتى 1959 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 903 - بەت). ئۇ گرېتسىيە دۇنياسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دېموراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن بىزا بولغان، خەلق ئاممىسىنى پەس كۆرگەن. ئۇ، مۇنەۋۋەر بولغان بىر كىشى 10 مىڭ كىشىگە تەڭ كېلىدۇ، دېگەنىدى. سىياسىي قاراش جەھەتتە ئۇ مۇتەئەسسىپ ئىدى. <تەبىئەت ھەققىدە> دېگەن ئەسىرى بار. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەسەرنىڭ پارچىلىرىلا ساقلاپ قېلىنغان. مەزمونى ئۇقۇمسىز، <ئۇقۇمسىز پەيلاسوپ> دەپ تەرىپلەنگەن.