Uyghur←Chinese主要词典
ھىپپوكرات
دۇنيا تارىخى
希波克拉底
xī bō kè lā dǐ
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 460 - 375) قەدىمكى يۇنان مېدىتسىنا ئالىمى. ئېگيې دېڭىزىدىكى كوستا ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ھېراكلىدمۇ دوختۇر ئىدى. ئۇزاق ۋاقىت ئكز يۇرتىدا دوختۇرلۇق قىلغان. گرېتسىيە قۇرۇقلۇقى قاتارلىق ھەرقايسى جايلارنى ئايلىنىپ (ئېيتىلىشچە مىلادىدىن 430 يىل ئىلگىرى ئافىناغا تارقالغان ۋابا كېسىلىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن) چىققان؛ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە شاگىرت ئېلىپ تەربىيىلىگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنى پېرسىيە پادىشاھى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، پېرسىيىگە بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇ، تىسالىيە (شىمالىي گرېتسىيىدە) نىڭ لارېسسادا (بىر ئېيتىلىشىچە 100 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ، مىلادىدىن 357 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مېدىتسىناغا دائىر ئەسەرلىرى 60 نەچچە خىلدىن كۆپرەككە يەتكەن. ئۇنىڭ تېڭىدىن كۆپرەكى شاگىرتلىرى بىلەن كېيىنكىلەرنى قولىدىن چىققان بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇ كلىنكىلىق تۈزىتىش تەجرىبىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئادەم بەدىنىنى بىر خىل ئورگانىزم دەپ ھېسابلاشنى تەشەببۇس قىلغان، كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەشتە شۇ ئاساستا ئىش كۆرۈش كېرەك دەپ قارىغان. <بەدەن سۇيۇقلۇقى پاتولوگىيىسى تەلىماتى> نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى - قان، خىلىت، سېرىق ۋە قارا سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىل خىلىتتىن )سۇيۇقلۇقتىن( تەركىب تاپىدۇ؛ تۆت خىلىتتا تەڭپۇڭلۇق بولسا، تەن ساغلام بولىدۇ، تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بەرسە كېسەل بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە دوختۇرنىڭ داۋالاش ئوبيېكتى يالغۇز كېسەللىكلا ئەمەس، بەلكى بىمارنىڭ ئۆزى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنىڭ خۇلق - مىجەز خۇسۇسىيىتى، مۇھىت ئامىللىرى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ بىمارغا بېرىدىغان تەسىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ قارىغان. بۇ خىل كۆز قاراش ۋە ئۇسۇل ئەينى زاماندىكى تىبابەتچىلىك ئىشلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھەرخىل دىنىي پېرىخونلۇق )داخانلىق( دىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا روشەن ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، يەنە كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دوختۇرلۇق تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا )بۇ <ھېپپوكرات قەسەمنامىسى> دېيىلگەن( ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۇ قەدىمكى زامان <مېدىتسىان ئىلمىنىڭ ئاتىسى> دەپ ئاتىلىپ، كېيىنكى زامان غەرب مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر كۈيئوغلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.