Uyghur主要词典
ھوش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەس، ياد، ئىدراك.
ھوشىدىن كەتمەك، ھوشىغا كەلمەك، ھوشىنى يوقاتماق.* ھوشىڭنىڭ بارىدا ئېتىكىڭنى ياپ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق سۆز.
يەرگە قوش سالغاندا كالىنى ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
قوشچى قوش ھەيدەۋېتىپ، بىر دەم «تاپ» دەپ، بىر دەم «ھوش» دەپ ۋارقىراپ قوياتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى.
ئەس كىرمەك، ئېسى بار، ئېسى يوق، ئېسىنى يىغماق. ئېسىڭنىڭ بارىدا ئېتىكىڭنى ياپ. ئەر قېرىسا كۈچدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن. خۇدى بار، خۇدى جايىدا، خۇدىنى يوقاتماق. خۇدى يوق ئادەمدىن قورق. تۆگە بۇغرىغا كىرسە خۇدىنى بىلمەس. ھوشى بار، ھوشى يوق، ھوشىنى تاپماق. قوي قىرقىغاننى كۆرگەن ئۆچكە ھوشىدىن كېتەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
كالىنى قايتۇرۇش، توسۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
فىزىكا
كىشىنىڭ بىرەر تەسىر ياكى ھادىسىنى سېزىش، پىكىر قىلىش ، ئاڭلاش قابىلىيتى .
ھوشىدىن كەتمەك . ئاڭ؛ ئەقىل، ئىدراك .
ھوشى قايىدا . ھوشىنى يىغماق .