Chinese→Uyghur主要词典
红藻门
بىئولوگىيە
قىزىل يۈسۈنلەر تىپى
يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى. يۈسۈن تېنى بىر ھۈجەيرە، ھۈجەيرىلەر توپى، يىپسىمان تەنە، پلاستىنكىسىمان تەن ياكى شاخسىمان تەن قاتارلىق ھالەتلەردە بولىدۇ. پىگمېنت تەركىبىدە خلوروفىل a, d كاروتىن ۋە كانتوفىلدىن باشقا، يەنە فىكو ئېرىتروبلىن ۋە فىكوسىئانوبىلىن بولىد. رەڭگى قىزىل، بىنەپشەرەڭ ياكى سارغۇچ يېشىل بولىدۇ، قىزىل يۈسۈن كراخمالنى زاپاس ساقلايدۇ، كۆپ ھاللاردا يېپىشىپ ياشايدۇ، ئۈزگۈچى ھۈجەيرە ھاسىل قىلمايدۇ. جىنسلىق ۋە جىنسسىز ئۇسسۇلدا كۆپىيىدۇ. كۆپىيىش ھۈجەيرىسىدە قىلئايىغى بولمايدۇ. جىنسلىق كۆپىيىشتە پۈتۈنلەي تۇخۇم ھاسىل قىلىپ كۆپىيىدۇ. ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى ئالاھىدە مېۋىلىك خالتا دەپ ئاتىلىدىغان تاق ھۈجەيرىلىك بوتۇلكىسىمان تۈزۈلۈش بولۇپ، ئۈستى قىسمىدىن ئۇۇرقلىنىش يىپى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرىدە دەۋر ئالمىشىش بولىدۇ، سپوروفىتى بىلەن گامېتوفىتى ئوخشاش تىپلىق ياكى غەيرىي ئوخشاش تىپلىق بولىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى تاتلىق سۇدا ئۆسكەندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى دېڭىزدا ئۆسىدۇ. ئۇزۇقلۇق قىلىشقا بولىدىغانلىرىدىن پورفىرا يۈسۈنى، گلويوپېلىتىس يۈسۈنى، گىلىدىئوم يۈسۈنى قاتارلىقلار بار. دورىغا ئىشلىتىدىغانلاردىن تورولغۇ، دىگېنىيە ئوتى، گراسىلارىيە قىزىل يۈسۈنى قاتارلىقلار بار. قىزىل يۈسۈنلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئاگار ياساپ، ئۇنى مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرگۈچى، يېمەكلىك ۋە دورا ياساش سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، گلويوپېلتىستىن ياسالغان ئاگار توقۇمىچىلىق ۋە قەغەز ياساش سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.
گىئولوگىيە
hóng zǎo mén
قىزىل يۈسۈنلەر تىپى