Chinese→Uyghur主要词典
洪英植
دۇنيا تارىخى
خۇڭ يىڭجى
(1855 - 1884) چاۋشيەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. تەخەللۇسى جۇڭيۈي، يەنە بىر ئىسمى چىنشى. يۇرتى نەنياڭ بولۇپ، سىئولدا تۇغۇلغان. 1873-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇپەتتىشى بولغان. بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پيايۇڭشياۋ، جىن يۇيجۈن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىللىك پارتىيىسى (يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇقۇمۇشلۇقلار پارتىيىسى) نى قۇرۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇتەئەسسىپلەرگە قارشى چىققان. 1884-يىلى ياپون قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش (جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى) قوزغاپ، بيۇروكرات مۇتەئەسسىپ تۆرىلەردىن نۇرغۇن ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان. ھاكىمىيەت ئۇقۇمۇشلۇقلار پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىچكى كابىنېتقا قاتنىشىپ، مۇئاۋىن رەئىس بولغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، مۇتەئەسسىپلەر ھاكىمىيەتنى قايتا قولغا ئالغاندا، ئۆلتۈرۈلگەن.