Chinese→Uyghur主要词典
红溪事件
دۇنيا تارىخى
قىزىل ئېقىن ۋەقەسى
گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى باتاۋىيە (ھازىرقى جاكارتا) دە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى زور كۆلەمدە قىرغىن قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، ئىسسق قان ئېقىن سۈيىنى قىپقىزىل بويىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ياۋا قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار كۈنسېرى كۆپىيىپ بارغان، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 1727 - يىلى ئىشسىز ۋە ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى يوق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۋېتىش ياكى سەيلون قاتارلىق جايلارغا يالاپ ئاپىرىپ ئېغىر ئىشقا سېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن. 1740 - يىلى 7 - ئايدا يەنە گۇمانلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىشنى بۇيرۇغان. 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قورۇ - جايلىرىدا قورال - ياراق بار - يوقلىقىنى ئاقتۇرۇشنى باھانە قىلىپ چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مۇستەملىكىچى ئارمىيە ساقچىلار ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، قېرى - ياش دېمەي پۈتۈنلەي قىرغىن قىلغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ سانى 10 مىڭ كىشىدىن ئاشقان، 600 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قوللىرىغا قورال ئېلىپ ئۆز - ئۆزىنى قوغداشقا مەجبور بولغان. ئۇلار ئوتتۇرا ياۋاغا كېلىپ، يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تاكى 1743 - يىلغىچە جەڭ قىلغان.