Chinese→Uyghur主要词典
红皮书
دۇنيا تارىخى
قىزىل تاشلىق خىتابنامە
1911 - يىلىدىكى ئالبانىيە قوزغىلىڭىنىڭ سىياسىي پروگرامماسى. شۇيىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار رەھبىرى گېرسا (گېرىسېي دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دا يىغىن چاقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلىدىغان مىمروندام يەنى قىزىل تاشلىق خىتابنامىنى ماقۇللىغان. بۇ تۈركىيە ھۆكۈمتىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى چەكلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تەسلىم بولسا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرمانىغا بەرگەن جاۋاپ بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلغان: <ئالبانلارنىڭ ھاياتلىقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش>، <ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇش>، <ئالبانچىنى ھۆكۈمەت تىل يېزىقى دەپ ئېتىراپ قىلىش>، <ئالبان مەكتەپلىرىنى قۇرۇش> بىراق ئۇنىڭدا تۈركىيە ھۆكۈمتىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئىشقا ئاشقان. قىزىل تاشلىق خىتابنامە ⅩⅩ ئەسىردىكى ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى سىياسىي پروگراممىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <1911 - يىلىدىكى ئالبانىيە قوزغىلىڭى>غا قارالسۇن.