Uyghur主要词典
ھومېر
دۇنيا تارىخى
(1836 - 1910) ئامېرىكىلىق رەسسام. بوستوندا تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللاردا باسمىچىلىق شاگىرتى بولغان. ئۆزى ئوقۇپ ئىختىساسلىق بولغان. 1857 - يىلدىن تارتىپ ئۆزى رەسىمخانا ئاچقان ھەمدە دائىم گېزىت - ژۇرناللارغا قىستۇرما سۈرەت ئىشلەپ بەرگەن. 1866 - يىلى پارىژغا بارغان، بۇ چاغدىكى ئەسەرلىرىدە دېھقانچىلىق مەيدانى، خۇشال بالىلار ۋە ياز مەنزىرىسىنى ئاساس قىلغان. 1873 - يىلدىن باشلاپ سۇ بوياق رەسىم ئىشلىگەن. ئۇ ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان. 1881 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ، شىمالىي دېڭىزدىكى بېلىقچىلىق كەنتىدە تۇرغان. 1883 - يىلى نيۇ - يوركقا قايتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پاناما، كۇبا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئەسەرلىرىدە ياغاچ كەسكۈچى ئىشچىلار، ئوۋچى، بېلىقچىلار ۋە نىگېرلارنىڭ تۇرمۇشىنى رېئالىزملىق ئۇسۇل بىلەن جانلىق، ئەينەن سۈرەتلەپ بەرگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەيۋەتلىك دېڭىزنى ۋە بوران - چاپقۇننى ئاساسىي تېما قىلغان، ئۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <شىددەتلىك بوران>، <كېمىنىڭ قازاغا ئۇچرىشى>، <ياغاچ كەسكۈچى ئىشچى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.