Uyghur主要词典
ھۆرمەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئۇلۇغلۇقنى، پاكلىقنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئالقىشلاش تۇيغۇسى.
ھۆرمەت چوڭ بايلىقتىنمۇ قىممەت. ئادەمنىڭ ھۆرمىتىمۇ، خورلۇقىمۇ ئۆزىدىن. ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەر قەدىرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدىرىنى زەرگەر. ئادەمنىڭ بۆكىنىڭ قىممىتى بېشىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەس. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنەر. ئېتىبارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ ئۇنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش ئەزىزلەش تۇيغۇسى ؛ ئىززەت ، ئېھتىرام ۋەتەنگە ھۆرمەت ئۆز كەسپىگە بولغان ھۆرمەت .
بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوست بار يەردە (ماقالە).
ئامما ئارىسىدا قازانغان ئىناۋەت ؛ ئابرۇي، ئېتبار .
ھۆرمەت قىلماق ھۆرمەت تاپماق* كىشنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا (ماقالە)
ئاياللارنىڭ ئىسىمى .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھۆرمەتخان، ھۆرمەتقىز، ھۆرمەتگۈل
ھۆرمەت قىلماق، ئىززەت قىلماق