Uyghur主要词典
ھۆكۈم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان قەتئىي قارار.
قارىۋېلىپ ھۆكۈمنى ئېيت. ئەلنىڭ ھۆكۈمى لىللا. كېسىم كېسىلگۈچە، ھەق ئۆلگۈچە.
پسىخولوگىيە
بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق شەيئىنى چۈشەندۈرۈش، شەيئىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىش ياكى مۇناسىۋەتنى قارارلاشتۇرۇش ياكى ئىنكار قىلىشتىكى تەپەككۇر فورمىسى (شەكلى). ھۆكۈم ئۇقۇملاردىن تەشكىللىنىپ، جۈملە شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ يۇرىدۇ. تەپەككۇر جەريانىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەكلى ھۆكۈم . تەپەككۇر بىر قاتار ھۆكۈملەردىن تەشكىللىنىدۇ، كىشى پىكىر يۈرگۈزىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھۆكۈم شەكلىدىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن ھۆكۈم تەپەككۇر جەريانىنى يەنى بىلىش جەريانىنى ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، كىشىنىڭ ھېسسىيات ۋە ئارزۇسىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ھۆكۈم ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ: (1) ھېسسىي شەكىلدىكى بىۋاسىتە ھۆكۈم. بۇنىڭغا مۇرەككەپ تەپەككۇر پائالىيىتى قاتناشمايدۇ. بۇنى سۆز بىلەنمۇ ھەرىكەت بىلەنمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. (2) ئابىستراكت شەكىلدىكى ۋاسىتىلىك ھۆكۈم. بۇ شەيئىلەر ئارىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە، زامان، ماكان، شارائىت جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەت ۋە باغلىنىشلارنى ئەكس ئىتىدۇ. بۇلاردىن تەپەككۇر جەريانىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئاساسىي مۇناسىۋەت شەيئىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. ۋاسىتىلىك ھۆكۈمنى ئىگىلەش ئادەتتە ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى ئېنىق پىكىر، خۇلاسە.
ھۆكۈم قىلماق.
كۆچمە. بۇيرۇق، ئەمر، پەرمان .
ھۆكۈمنىڭ قاتتىقلىقىدىن يېكەن قوزۇق يەرگە كىرىپتۇ(ماقالە).
<قا> سوتتىنىڭ قاراپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان دېلولار ئۈستىدە چىقارغان قارارى .
ھۆكۈم خېتى ، ھۆكۈم ئېلان قىلماق .