Uyghur主要词典
ھېنرىي لاۋسون
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1922) ئاۋسترالىيىنىڭ يېقىنقى زامان شائىرى ۋە ھېكايىچىسى. يېڭى جەنۇبىي ۋالىس شتاتى گرېنفېل ئالتۇن كېنى رايونىدا تۇغۇلغان. 1883 - يىلى ئانىسى بىلەن سدنېي شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، سىرچىلىق قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۇئىنسلاند، ۋىكتورىيە، غەربىي ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېنلاندىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1900 - 1902 - يىللىرى لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۆمرىنى پېقىرلىق - نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئابىتسفورتىدا ۋاپات بولغان. <ھېنرىي لاۋسون شېئىرلىرى توپلىمى>، <جامىس ۋېلسۇن ۋ ئۇنىڭ ھەمراھلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، مۇستەملىكىچىلەرنى قامچىلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشچلىرى ئۇچرىغان ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمنى ئېچىپ تاشلىغان، خەلقنىڭ گۈزەل دۇنياغا ئېرىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، خەنزۇچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئاۋسترالىيىدە 1967 - 1972 - يىللىرى ئۇنىڭ يەتتە توملۇق ئەسىرى نەشىر قىلىنغان.