Uyghur主要词典
ھىممەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر ئىشقا جان - دىلى بىلەن ئۇرۇنۇش، غەيرەت بىلەن كىرىشىش.
ساخاۋەت، ئالىيجانابلىق.
بەختىيارلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەت يۈزىسىدىن قىلىنغان ياخشىلىق.
مەرھەمەت ھەددىدىن ئاشقان زامان، شۈكۈرمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ بىگۇمان. شادلىقنىڭ مېۋىسى ھىممەتتۇر، ھىممەت، ھاياتنىڭ مېۋىسى ھىممەتتۇر، ھىممەت. خىيانىتىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوچۇق قوللۇق بىلەن كىشىلەرگە ياردەم بەرمەك.
مىننەت، دوق
بەرگەن ياردىمىنى دام قىلماق، پېشانىسىگە قويماق.
ھىممەت قىل، مىننەت قىلما. ئەمگەكتىن قاچما، دوقتىن قاچ. سۆلەت تۆگىدە، ھىممەت قويدا. بېخىلنىڭ ئۆيىدە نان بار، ھىممەت يوق؛ ھورۇننىڭ تېنىدە جان بار، غەيرەت يوق. ھالال تاماقنىڭ دوقى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلارغا قىلىندىغان ياخشىلىق ؛ياردەم ، مەرھەمەت، غەمخورلۇق، ساخاۋەت.
ھىممەت كۆرسەتمەك . ھىممەت قىلماق .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بۆيۈك ئىرادە، غەيرەت