Uyghur主要词典
ھىمالايا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سانسىكرىتچە
جۇغراپىيە
ئاسىيا قىتيئەسنىڭ جەنۇبىدىكى غەربتىن شەرققە سوزۇلغان تاغ . ئۇ غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلنىپ شەرققە قاراپ جۇڭگو بىرما چېگرىسىغا قەدەر 2500كىلومېتىر سوزۇلىدۇ . ئۇ جۇڭگو - شىزاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىنى ، پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىنى ، نېپال ، بۇتان ، سىككىملەرنىڭ كۆپ قىسمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ تاغ شىمالدا يالۇزاڭبۇ دەريا ۋادىسىدىن باشلىنىپ جەنۇبىي ھىندىستان چېگىرىسىغا قەدەر 200-300 كېلومېتىر كەڭلىكىتە سوزۇلىدۇ . ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000مېتىر بولۇپ دۇنيادا ئەڭ ئېگىز تاغ ھېسابلىنىدۇ .