Uyghur←Chinese主要词典
ھېلېن
دىنى سۆزلۈكلەر
海伦
hǎi lún
دۇنيا تارىخى
海伦
hǎi lún
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ساھىبجامال. زېۋىس بىلەن ئىتولىيە مەلىكىسى لېدادىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن داڭق چىقارغان. بالىلىق دەۋرىدە تېسېۇس ئافىناغا ئالداپ ئېلىپ كەتكەن، كېيىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن. سپارتا پادىشاھى تىندارېئۇسنىڭ مەلىكىسى بولۇپ، ئودىسسىئۇسنىڭ تەكلىپى بىلەن، نۇرغۇن تەكلىپ قويۇچىلار ئىچىدە مېنېلائوس (ئاگامېمنوننىڭ ئىنىسى) نى تاللىغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان. مېنېلائوس سپارتا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە مەبۇدە ئافرودىت ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالى) شاھزادىسى پارسنىڭ ھېلېننى ئېلىپ قېچىشىغا ياردەملەشكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇنانلىقلارنىڭ تروياغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى كېلىپ چىققان، ترويا قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ھېلېن مېنېلائوس بىلەن بىللە سپارتاغا قايتىپ كەلگەن.