Uyghur←Chinese主要词典
ھېلگوللاند شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
赫尔戈兰条约
hè ěr gē lán tiáo yuē
<زانزىبار شەرتنامىسى> ياكى <ھېلگولاند - زانزىبار شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئېكۋاتور شەرق ئافرىقىسىنى بۆلۈشۈۋالغان شەرتنامە. 1890 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ھېلگولاند ئارىلىدا ئىمزالانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، گېرمانىيە ئەنگلىيىنىڭ بۇگاندا (بۈگۈنكى ئۇگاندا) غا بولغان ئىشغالىيىتىنى ۋە زانزىبار، پىمبا ئارىلى ھەمدە شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ۋىتۇدىن جۇبا دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايونلارغا قارىتا <ھامىيلىق ھوقۇقى> دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئەنگلىيە گېرمانىيىنىڭ تانگانىكا، غەربىي - جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كاپرىۋىي رايونىغا بولغان ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە شىمالىي دېڭىزدىكى ھېلگولاند ئارىلىنى گېرمانىيىگ ئايرىپ بەرگەن