Uyghur主要词典
ھىلفېردىڭ
دۇنيا تارىخى
(1877 - 1941) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ نەزەرىيىچىسى. ئاۋسترىيىدە يەھۇدىي باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. 1902 - يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكرتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مەخسۇس سىياسىي ئىقتىسادنى تەتقىق قىلغان. 1910 - يىلى ۋېنادا <پۇل مۇئامىلە كاپىتالى> دېگەن كىتابنى نەشر قىلغان. لېنىن بۇ كىتابنى جاھانگىرلىك ئۈستىدە <تولىمۇ قىممەتكە ئىگە نەزەرىيىۋى تەھلىل ئېلىپ بارغان> (لېنىن: <جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى> ئۇيغۈرچە نەشىرى، 18 - بەت) دەپ ماختىغان. 1918 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى - <ئەركىنلىك> نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىچىسىگە ئايلانغان. 1923 - يىلى ۋە 1928 - يىلى ئىككى قېتىم ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، دانىيە، شۋېتسارىيىگە قېچىپ بېرىپ، كېيىن فرانسىيىگە كەتكەن. 1940 - يىلى فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن مارسېلدا ۋىيشىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن گىستاپۇغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ يەردە پاجىئەلىك ھالدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن