Uyghur主要词典
ھىلال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېڭى ئاي، يېڭى كۆرۈنگەن ئاي.
گۈزەللەرنىڭ يېرىم ئاي شەكلىدىكى چىرايلىق قېشى، قىياقتەك قاش:
قاشلارى فەررۇخ ھىلالى تىشلارى دۇررى گۇھەر،
لالە يەڭلىغ لەبلەرنىڭ لەئلى ناپەيداسى بار.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېڭى تۇققان ئاي؛ كۆچمە مەنىسى: سۆيگەن يارنىڭ ئوغاق ئايغا ئوخشاش ئەگمە قېشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت . يېڭى چىققان ئاي ئۈچ كۈنلۈك ئاي .
گاھ بۇلۇت دېڭىزىدا ئاقار ھىلال . گاھ رۇجەكتىن مۇڭ ئىلكىدە باقار ھىلال . پەيتى ۋاقىت تۈن يېرىمىدىن كەتكەن ئۆتۈن ، ئەھلى يېزا ئېغىز ئۇيقۇ ئىچرە چۆكۈك .
ئەرلەرنىڭ ئىسىمى .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يېڭى چىققان ئاي