Uyghur主要词典
ھىكسوسلار
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا سۇلالە مەزگىلىدىن كېيىن مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان كۆچمەن قەبىلە. ئەسلىدە سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ئىرق تەركىبى جەھەتتە سەمىتلەر ۋە ھۇرىتلارغا كىرىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس ماتېتو تۇنجى قېتىم <ھىكوسلار> دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <مالچى پادىشاھ> دېگەنلىك بولىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 1720 يىل ئىلگىرى مىسىر پارچىلىنىپ خارابلىشىۋاتقان پەيتتە، ئۇلار سىناي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، مىسىرغا كۆپلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە نىل دەرياسىنىڭ دىلتىسىدىكى ئاۋارىسنى مەركەز قىلىپ، <مالچىلار سۇلالىسى> (مىسىرنىڭ 15 - ۋە 16 - سۇلالىسىگە توغرا كېلىدۇ) نى قۇرغان. ئېيتىلىشچە ئالتە ئەۋلاد پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگۈن، گۈللەنگەن چاغدا تەسىر دائىرىسى يۇقىرىقى مىسىرغىچە كېڭەيگەن. بۇ، مىسىرنىڭ تۇنجى قېتىم يات مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھىكسوسلارنىڭ پادىشاھلىرى قوراللىق ھۆكرانلىق قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، مىسرلىقلارغا ئېغىر سېلىق سېلىپ، ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 157 يىل ئىلگىرى يۇقىرىقى مىسىر فىرئەۋىنى ئاخمېس Ⅰ نىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مىسىر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ھېكسوسلار مىسىرلىقلارنىڭ بىر قەدەر ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا ئات بېقىش ۋە ئاتنى ھارۋىغا قېتىش تېخنىكىسىنى مىسىرغا ئېلىپ كىرگەن.