Uyghur←Chinese主要词典
ھېكاتائېس
دۇنيا تارىخى
赫卡泰厄斯
hè kǎ tài è sī
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 550 - 478) قەدىمكى يۇناننىڭ ئىئونىيىنىڭ <خاتىرشۇناسى> ۋە جۇغراپىيىشۇناسى. مىلېت شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى جايلارنى ساياھەت قىلغان. كۆرگەن، بىلگەنلىرى ناھايىتى كۆپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 500 - 494 - يىللار ئارىلىقىدا بولغان ئىئونىيە قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئۆز شتاتىدىكى خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانىدىن نىجاتلىق تىلەپ، قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. <ساياھەت خاتىرىسى> دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ جايلاردا بىۋاستە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇ زاماندىكى گرېكلارغا مەلۇم بولغان دۇنيانى ياۋروپا ۋە ئاسىيا دەپ ئايرىغان ھەمدە خەرىتە سىزىپ چىققان. ئەسەرنىڭ مەزمونى مول، تىلى جانلىق. <شەجەرە تەزكىرىسى> دە ئۆز يۇرتى ئىئونىيە رايونىدا بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلەر ۋە قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ بىر مۇنچە پارچە ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە تارقالغان. ھىرودوتۇس ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ماتېرىياللارنى كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن.