Uyghur主要词典
ھىجران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايرىلىش، پىراق، جۇدالىق:
فەھم ئېتەرمەن بولماغۇم ئۆلگۈنچە ھىجراندىن خەلاس،
ھەجرىدە شامۇ سەھەر يۈز ئاھۇ ئەفغاندىن خەلاس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<ھەجر> گە قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىدىن ئايرىلىش.
مىڭ پىراقىڭدىن بىر ئەلىمىڭ يامان. سەپەرنىڭ ئاقىۋىتى ھىجران.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئايرىلىش، يېقىنلار بىر _ بىرىدىن ئايرىلىش.
جۇدالىق ئوتى تۇتاشسا، جۇدالىق دېغى قالىدۇ. ھىجران قايغۇسى، ۋىسال شادلىقىنى تارتمىغان كىم بار؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياردىن يىراققا ئايرىلىش، يار دىدارىغا ئېرىشەلمەسلىك.
ۋىسال
يار بىلەن ئۇچرىشىش، يار دىدارىغا ئېرىشىش.
ۋىسال شادلىقى، ھىجران قايغۇسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جۇدالىق، ئايرىلىش ، پىراق .
ھىجران ئوتىدا كۆيمەك .