Uyghur主要词典
ھېيت نامىزى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى <بايرام نامىزى> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتا جامائەت ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ. ھېيت نامىزى ئادەتتە جامەدە ياكى تالادا ئوقۇلىدۇ. ناماز باشلىنىشتىن ئىلگىرى دۇئا - تىلاۋەت ئوقۇلىدۇ. ئەزان ئېيتىلمايدۇ. ئىمام ياكى ئاخۇنلۇق ئىماملىق قىلىدۇ. ئىككى رەكەت ۋاجىب ئوقۇلىدۇ، قۇرئان قىرائەت قىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبىنىڭ مەزمۇنى روزى ھېيتتا ئىئانە قىلىشنى ئاگاھلاندۇرۇشنى، قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېيت نامىزى جۈمە نامىزىدىن تەنتەنىلىك بولىدۇ.