Chinese→Uyghur主要词典
核糖体
بىئولوگىيە
RNA 核糖体
رىبوزومىلىق RNA
قىسقىچە rRNA دەپ ئاتىلىدۇ. رىبوزومىنىڭ ئىككى سۇب رادىكالىدا مەۋجۇت بولىدىغان RNA بولۇپ، رىبوزوما ئاقسىلىغا كۇۋالېنتلىق باغ بىلەن تۇتىشىدۇ، ھۈجەيرىدىكى RNA نىڭ تەخمىنەن 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈچ خىل تىپلىق rRNA نىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپ، مەنبەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا چۆكۈش كوئېففىتسېنتى 5 S, 16 - 19 S ۋە 23 - 29 S لىق بولىدۇ. rRNA ھاسىل بولۇشتا DNA پولىمېرازا ھۈجەيرىدىكى مۇئەييەن DNA رايونىدىن rRNA نىڭ ئالدىنقى تەنچىسىنى كۆچۈرىدۇ. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە rRNA ئالدىنقى تەنچىسى (P 30) 30 S بولۇپ، RNA ئېنزىمى Ⅲ نىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشى بىلەن P 17.5 ، P 25 ۋە P 7 لەردىن ئىبارەت بىر قاتار ئارىلىق تەنچىلەرگە قىسقىرايدۇ، ئاندىن يېتىلدۈرگۈچى ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە، 16 S، 23 S ۋە5 S لىق rRNA ھاسىل بولىدۇ. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېتىللىشىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردىكى rRNA ئالدىنقى تەنچىسى 45 S لىق بولۇپ، پىششىقلىنىپ ئىشلىنىپ سەل - پەل پەرقلىنىدۇ. rRNA نىڭ تەركىبىدە ئاقسىل تەرتىپىنىڭ سىگنالىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە فۇنكىسىيىسى بولمايدۇ.
بىئولوگىيە
رىبوزوما
ئاقسىل (40%) ۋە RNA دىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ ھۈجەيرە ئاپپاراتى بولۇپ، دىئامېترى تەخمىنەن 02 مىللىمىكرون كېلىدۇ. ئۇ بارلىق جانلىقلاردا مەۋجۇت. ئىككى دانە سۇب رادىكالغا ئايرىلىدۇ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە رىبوزومىسى 30S لىك ۋە 50S لىكتىن ئىبارەت ئىككى سۇب رادىكالغا، ئېمىتكۈچى ھايۋانلار 40S لىك ۋە 60S لىكتىن ئىبارەت ئىككى سۇب رادىكالغا ئايرىلىدۇ. 30S لىك سۇب رادىكالنىڭ ستېرېئولوق تۈزۈلۈشى دوك <تۆرەلمە> گە ناھايىتى ئوخشايدۇ، 50S لىك سۇب رادىكالىنىڭ شەكلى <سافا> دەك بولۇپ، قۇراشتۇرۇلغاندا 30S لىك سۇب رادىكالى 50S لىك سۇب رادىكال <سافا> دا توغرىسىغا ياتىدۇ. 30S لىك سۇب رادىكالى 21 خىل ئاقسىل ۋە بىر خىل 16 S لىك RNA دىن تۈزۈلىدۇ، 50S لىك سۇب رادىكالىنڭ تەركىبىدە 34 خىل ئاقسىل، بىر خىل 23S لىك RNA ۋە بىر خىل 5S لىك RNA بولىدۇ. قوزغاتقۇچى ئاقسىلنىڭ بىئولوگىيىلىك سېنتىزلىنىشىدا رىبوزوما <باشلامچى فاكتور بىلەن> بىرىكىدۇ، كىچىك سۇب رادىكالى mRNA نىڭ باشلىنىش ئورنى ۋە باشلىغۇچى tRNA بىلەن بىرلىكتە مۇرەككەپ كومپلېكس بىرىكمىنى ھاسىل قىلىدۇ. چوڭ سۇب رادىكالىدا A ئورنى ۋە P ئورنىدىن ئىبارەت بىرىكىدىغان ئىككى ئورنى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامىنو ئاتسىل tRNA ۋە پېپتىدىل - tRNA لارنى قوبۇل قىلىدۇ. پېپتىدىل - tRNA سۈرۈلۈپ، GTP گىدرولىزلىنىپ GDP غا ئايلىنىدىغان يەنە بىر ئورنى بولىدۇ. ئامىنو ئاتسىل - tRNA ئۆزىدىكى كودون بىلەن mRNA دىكى ئۆز ئارا ماس كېلىدىغان كودونغا بىرىككەن ۋاقتىدا A ئورۇنغا ئېسىلىپ تۇرغان tRNA دىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ كاربوكسىلى پېپتىد يۆتكىگۈچى ئېنزىمنىڭ كاتالىزلىشى ئارقىسىدا P ئورنىغا جايلاشقان tRNA دىكى ئامىن كىسلاتاسىنىڭ ئامىن رادىكالى بىلەن بىر دانە پېپتىد بېغىنى ھاسىل قىلىدۇ. رىبوزوما mRNA دىكى يۆنىلىش بويىچە بىر كودون سۈرۈلگەندە ئەركىن tRNA قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا كېيىنكى بىر كودونغا ماس كېلىدىغان ئامىنوئاتسىل tRNA بېرىپ بىرىكىپ، يۇقىرىقىدەك ئىككىنچى پېپتىد بېغىنى ھاسىل قىلىدۇ، مانا شۇنداق تەكرارلىنىش بىلەن پېپتىد زەنجىرى ئۇزىرايدۇ. بەزى mRNA مولېكۇلىسى بىر قانچە رىبوزوما بىلەن بىرىكىپ پولى رىبوزومىنى ھاسىل قىلىش بىلەن تەرجىمە قىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
hé táng tǐ
رىبوزوما
Dدېھقانچىلىق
hé táng tǐ
رىبوزا تەنچىسىDتېببىي
hé táng tǐ
رىبوزوم، يادرو قەنت تەنچىسىDئورمانچىلىق
hé táng tǐ
رىبوسوم (يادرو قەنت دانچىسى)