Uyghur主要词典
ھەش پەش دېگۈچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ھەش - پەش دېگۈچە»بەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە، بىردەمدىلا
بەخت تۇراقلىق بولمايدۇ، كىم بىلىدۇ، ھايت - ھۇيت دېگۈچە سىزدىن كېتىپ، باشقا بىرىنى تېپىۋالار. نامنى ساقلاش بىر ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ھەش - پەش دېگۈچە. دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ، بولسا بۈگۈنىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھاي - ھۇي دېگۈچە كەچ كىرىدۇ، ئەتىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ناھايىتى تېز، تېزلىكتە.
ئاستا - ئاستا، ئالدىرماي - سالدىرماي، ئالدىرماي، بىر ۋاراقى
بەك تېز ئەمەس، پەيدىنپەي، تەدرىجىي
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا. ئالدىرماي ماڭغان مەنزىلىگە بالدۇر يېتىدۇ. ئىشنى ئالدىرماي - سالدىرماي پۇختا قىل. يالغان قۇيرۇق دەرھال ئۈزۈلىدۇ. ھەقىقەت يېقىنلاشسا، سەپسەتە دەررۇ قاچىدۇ. نامنى ساقلاش ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ھەش - پەش دېگۈچە. بۈگۈنىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىم بىلىدۇ، بەخت سىزدىن ھايت - ھۇيت دېگۈچە كېتىپ، باشقا بىرىنى تېپىۋالار. ھاي - ھۇي دېگۈچە كەچ كىرىدۇ. ئەتىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئىشىمىز بىر ۋاراقى ئىزغا چۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بىردەمدىلا.
باغۋەن ھەش - پەش دېگۈچە قوينى چۈشەپ تەكبىر بىلەن بوغۇزلاشقا تەييارلاندى.