Uyghur主要词典
ھەسەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى.
<كۈنلەش> كۆپرەك ئەر - خوتۇن ئارىسىدا بىر - بىرىنى باشقىلاردىن قىزغىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
ھەسەت - بىسەرەمجانلىقنىڭ ئۇرۇقى. ھەسەت - نام - ئاتاقنىڭ ھەمراھى. كۈنلەش ئىچى تارنىڭ ئىشى. يارنى قىزغىنىش، يوققا ئىنتىلىش بىرگەپ. كۈنلەشلىكنىڭ دەردى يامان، ئۇ كىشىنى ھەممىدىن جۇدا قىلىدۇ. سۆيگۈگە رەشىك مەھراھ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى، ئۈستۈنلۈكىنى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى؛ كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق.
ھەسەت قىلماق.