Uyghur主要词典
ھەسەن بەننا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1906 - 1949) مىسر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان ئادەم. ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەربىيىسىنى ئالدى. ياش چاغلىرىدا قاھىرەدىكى مەدرىسىدە ئوقۇدى. مەدرىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1927 - يىلىدىن 1933 - يىلىغىچە ئىسمائىلىيەدىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1928 - يىلى ئىسمائىلىيەدە <مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى> نى قۇردى ھەمدە قانال رايونىدا تەشكىلنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. 1949 - يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ھەسەن بەننا زامانىمىزدىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىچىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.