Uyghur←Chinese主要词典
ھەسەل ھەرىسى
بىئولوگىيە
蜜蜂
mìfēng
ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئىنسانلار تەرىپىدىن بېقىلىپ ھەسەل ئالىدىغان ھەرىلەردۇر. بەدىنى سېرىق قوڭۇر، زىچ تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، ئېغىز ئاپپاراتى چايناش ۋە سۈمۈرۈشكە ماسلاشقان بولىدۇ. ئارقا پۇتىنىڭ پاچاق بوغۇمى ھەم بىرىنچى ئوشۇق بوغۇمى ياپىلاق بولۇپ، گۈل چېڭى ئېلىپ يۈرۈش پۇتىنى شەكىللەندۈرگەن، گۈل چېڭى يىغىپ ھەسەل ئاشقازىنىدا ئېچىتىپ ھەسەلگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئىشچى ھەرىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا زەھەر تىكەنچىسى بولىدۇ. ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك (توپلىشىپ ياشايدىغان) ھاشارات بولۇپ، ھەرە پادىشاھى (ئانا ھەرە) ئاتا ھەرە ۋە ئىشچى ھەرىلەر (كۆپىيەلمەيدىغان چىشى ھەرىلەر) دىن كولونىيە ھاسىل قىلغان. ھەرە توپىدا ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى) نىڭ ئىندىۋىدى ئەڭ چوڭ مەسىلەن، ئىتالىيە ھەرىسىنىڭ ھەرە پادىشاھىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 - 25 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بىر ئۇۋىدا پەقەت بىر ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى) بولۇپ، مەخسۇس تۇخۇم سېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، بىر ئەلا سۈپەتلىك ئانا ھەرە (ھەرە پادىشاھى) بىر سوتكىدا ئىككى - ئۈچ مىڭ دانە تۇخۇم سالالايدۇ. باھار پەسلىدىن تارتىپ ياز پەسلىدىكى ھەسەل ئېلىش مەزگىلىگىچە 40 - 60 مىڭ تال ھەرىسى بولغان چوڭ ھەرە كولونىيىسىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. تۇخۇمى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ۋە ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم دەپ ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى يېتىلىپ ھەرە پادىشاھى ياكى ئىشچى ھەرىگە ئايلىنىدۇ، كېيىنكىسى ئاتا ھەرە بولۇپ يېتىلىدۇ. ئىشچى ھەرىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 12 - 14 مىللىمېتىر بولۇپ، گۈل چېڭى يىغىش، ھەسەل ئېچىتىش، لىچىنكىلارنى بېقىش، ئۇۋا ياساش، كولونىيىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەركەك ھەرە پەقەت چىشى ھەرە بىلەن چېتىشىشقىلا مەسئۇل بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە گۈل چېڭى يەتكۈزۈپ بېرىپ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدۇ، ئىشلەپچىقارغان ھەسەل، ئانا ھەرە شىرنىسى، ھەرە مومى ھەمدە ھەرە زەھىرى ئىستېمال قىلىنىش، تېبابەتچىلىك ۋە سانائەت ساھەسىدە بەلگىلىك ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە. مەملىكىتىمىز ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىشى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ھازىر بېقىلىۋاتقان تۈرلىرى: جۇڭخۇا ھەسەل ھەرىسى (Apis cerana)، ئىتاىيە ھەسەل ھەرىسى (A.mellifora) قاتارلىقلار.
ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
蜜蜂
mì fēng
ئۇنىۋېرسال
mì fēng
蜜蜂