Uyghur←Chinese主要词典
ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
各国议会联盟
gè guó yì huì lián méng
ئەسلى نامى <ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى>. 1889 - يىلى 6 - ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، پارىژدا قۇرۇلغان. 1922 - يىلى نامى ھازىرقىغا ئۆزگەرتىلگەن. مەقسىتى: ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ھەمدە ئۆزلىرى قاراشلىق دۆلەتلەرنى دېموكراتىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەمدە خەلقئارا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تولۇق قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەر يىلى باھار ۋە كۈزدە ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. 1984 - يىلىغىچە 71 قېتىم يىغىن ئېچىلغان. باش شتابى جەنۋەدە بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر 100 گە يەتكەن (1984).