Uyghur主要词典
ھەرقاچان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئىش - ھەرىكەتنىڭ گۇمانلىق ھالىتىنى بىلدرىدۇ.
خەقنىڭ بەختسىزلىكىدىن كۈلمە، ئۆزۈڭنىڭ بەختسىزلىكى، بەلكىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشەر. ياشلىق ۋاقتىدا شۇنداق پىكىرلەر تۇغۇلىدۇكى، بۇ پىكىرلەر كېلەچەكتە ئىنساننى پەلەككە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. مىڭ ئېھتىمالدىن بىر راست چىقماس. ئېھتىمال ئادەملەر ئارىسىدىكى جىنازە پەرىشتىلەر ئۈچۈن تويدۇر. ئېھتىيات قىل، دۈشمىنىڭ دۈشمەنلىك ئوتىنى يېقىۋاتقاندۇ ھەرقاچان. ئۇ تۈنۈگۈن كەلگەن چېغى، مەن يوق ئىكەنمەن. بۇلۇت كۆتۈرۈلدى، يامغۇر ياغىدىغان چېغىۋا. ۋاللاھۇئالەم، بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلارمىز. خايناخا مەندىن يامانلاپ قالغاندۇ. كىم بىلىدۇ، ئەتە نېمە بولىدۇ. كىم كېتىپ كىم قالىدۇ. ئالاھەزەل 40 ياشلاردا بار بىر كىشى كەپتۇ. ئەلھال، ھەممە تەييار بولغاندۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھەر + قانچە
ئالماش
<ھەرقانداق ۋاقىتتا>، <ھەرقانداق چاغدا>، <ھەردائىم>، <ھەمىشە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ھەرقاچان تەييار تۇرماق. ھەر قاچان ئەستە تۇتماق.
كۆچمە <بەلكى>، <ئېھتىمال> دېگەن مەنىلەردە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ.
- سىلەرنىڭ ئەترەت كەمبەغەل، ھەرقاچان نەق پۇل يوقتۇ؟!