Uyghur←Chinese主要词典
ھەرىكەت خاراكتېرلىك تىلدىن قېلىش
پسىخولوگىيە
运动性失语症
yùn dòng xìng shī yǔ zhèng
(«بروكا تىلىدىن قېلىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) بۇ كېسەللىك ھەرىكەت خاراكتېرلىك نۇتۇق مەركىزىنىڭ زەخمىنىلىشى بىلەن يۈز بېرىدۇ. تىلدىن قېلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ تەلەپپۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللىرى پارالىچ بولمىغان بولۇپ (مەسىلەن، كۈلۈش، يىغلاشتىكى ئاۋازى نورمال)، خەتلەرنى تونۇپ ئوقۇيالايدىغان ۋە باشقىلار قىلغان گەپلارنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن گەپ قىلىش قابىلىيىتى يوقالغان بولىدۇ، ياكى ئەڭ كۆپ دىگەندە، ئاددىي تاۋۇشلارنىلا چىقىرالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ كېسەللىكە گىرىپتار بولغان كىشى قانچە ياش بولسا، ئۇنىڭ كېسىلى شۇنچە ئاسان ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇنى 2 - 3 ياشلىق بالا بولسا، ئوڭ يېرىم شارىنىڭ ماس رايونى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. 20 ياشتىن ئاشقان كىشىنىڭ ئوڭ يېرىم شارىنىڭ ماس رايونى تولدۇرالمايدۇ (يەنى سول يېرىم شارنىڭ زەخىملەنگەن يېرىنىڭ ئىشىنى تولدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ).