Uyghur主要词典
ھەرىكەتنىڭ سۈرئىتى
پسىخولوگىيە
(ياكى تېزلىكى) بۇ «ھەرىكەت توغرىلىقى» قۇرۇلمىسىنىڭ بىر تەرىپى. پۇت - قولنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ھەرىكىتىنىڭ ئارىلىقى، پۇت - قول ھەرىكىتى تېزلىكىنىڭ (سۈرئىتىنىڭ) ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ بولغاندا، سېكونتىغا بىر قانچە مىللىمېتىردىن 800 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. قول بىلەن ئىشلىنىدىغان پائالىيەت ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 - 50 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. ھەرىكەت تېزلىكى ئادەمگە قاراپ پەرقلىنىپلا قالماستىن، ئىش شارائىتىغا قاراپمۇ پەرقلىنىدۇ. ھەرىكەت تېزلىكى ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىگە باغلىق. مەقسىتى ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتنىڭ تېزلىكى تەڭ نىسبەتتىكى تېزلىك، تەڭ نىسبەتتە تېزلەش ياكى تەڭ نىسبەتتە ئاستىلاش بولۇشمۇ مۇمكىن (يەنى ھەر بىر تەڭ نىسبەتتىكى ئارىلىق ۋاقىتتا تېزلىك قىممىتىنىڭ ئېشىشى ياكى ئازىيىشى ئوخشاش نىسبەتتە بولۇش)، تېزلەش ياكى ئاستىلاش تەڭ نىسبەتتە بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. تېزلىكىدە جىددى ئۆزگىرىش بولمىغان ھەرىكەتنىڭ، يەنى بىردىنلا ئۆزگەرمىگەن ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى تېزلىكى دەسلەپكى تېزلىكى تەڭ نىسبەتتە تېزلەش ياكى ياكى تەڭ نىسپەتتە ئاستىلاشقا ناھايىتى ئاز يېقىن بولسا، مۇنداق ھەرىكەت سىلىق ھەرىكەت دېيىلىدۇ. مەسىلەن، لىق بىر چىنا سۇنى يۆتكەشتىن ھەرىكەت، ياكى ئىشىكنى ئاۋاز چىقارماي يېپىش ھەرىكىتىگە ئوخشاش. توساتتىن، بىردىنلا ئۆزگەرگەن ھەرىكەت قوپال ھەرىكەت دېيىلىدۇ. ئۇ دائىم دېگۈدەك ناتوغرا بولىدۇ. مەسىلەن، قولىمىز بەك ئىسسىق نەرسىگە تەگكەندە دەرھال تارتىۋېلىش، چىۋىن ئۆلتۈرۈشتە پالاق بىلەن ئاستا بېرىپ يېقىنلاشقاندا، بىردىنلا قاتتىق ئۇرۇشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر.