Uyghur主要词典
ھەرىكەتنى كۆرۈش پەرقى
پسىخولوگىيە
ياكى ھەرىكەتنى كۆرۈشتىكى خاتالىق. بۇ ئەتراپ مۇھىتتىكى جىسىم كۈزەتكۈچ تۇرغان ئورۇنغا قارىمۇ قارشى ھەرىكەت قىلغاندا، تۈرلۈك ئارىلىقتىكى (يىراقلىقتىكى) جىسىمنى كۆرۈش بۇلۇڭىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىكى پەرقتىن پەيدا بولغان چوڭقۇرلۇق ئىدرىكى. بۇنىڭدا ئىككى خىل ئەھۋال بار: (1) كۈزەتكۈچىنىڭ بېشى ياكى گەۋدىسى ھەرىكەتلىنىپ، ئەتراپىدىكى نەسىلەر جىم تۇرغاندا، يېقىندىكى جىسىملارنى كۆرۈش بۇلۇڭىنىڭ ئۆزگىرىشى كىچىك بولغانلىقتىن، يېقىندىكى ئوبيېكت قارىمۇ قارشى تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلغاندەك، يىراقتىكى ئوبيېكتلار كىشىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش تەرەپكە سىلجىغاندەك ئىدراك قىلىنىدۇ. بىز ماشىنىدا ياكى پويىزدا كېتىۋېتىپ سىرتقا قارىساق، يېقىندىكى نەرسىلەر تېزلىك بىلەن كەينىگە كېتىۋاتقاندەك، جىسىم بىزدىن قانچە يىراق بولسا، شۇنچە تېزلىك بىلەن قارىمۇ قارشى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم ماشىنا ياكى پويىز بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، جىسىملار جىم تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەرىكەتنى كۆرۈش پەرقى (ياكى خاتالىق) نىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ «ئادەم بىلەن بىللە مېڭىشى» مۇ بۇنىڭ بىر مىسالى. (2) كۈزەتكۈچىنىڭ تۇرغان ئورنى مۇقىم بولۇپ، ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئوبيېكتىپ ئالدىدىن توغرا ئۆتكەندە، باش بىلەن كۆز جىسىمنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، جىسىمنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى بىلەن ئارىلىقى توغرىسىدا سىگنال بېرىدۇ. جىسىمنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرگە ھامان جىسىملارنىڭ يېقىنراقلىرىنىڭ ھەرىكىتى تېز تۇيۇلۇپ، يىراقتىكىلىرىنىڭ ئاستا كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەكسىچە، كىشىلەرمۇ بۇ جىسىملارنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى بىەلن ئاستىلىقى توغرىسىدىكى ئىدراكى ئاساسىدا ئۇلارنىڭ يىراق - يېقىنلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ.