Uyghur主要词典
ھەرىف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئورتاق؛ ئۈلپەت، شېرىك، بىرگە ئىشلىگۈچى، كەسىپداش:
قارشى، مۇقابىل، ئاداۋەتلىك؛ دۈشمەن، رەقىب:
نازۇك، تەبىئەت، ھوشيار:
1. ھەمدەمىم ئېرۇر دەفۇنەي، ھەرىفىم سۇراھۇ جام،
نە قىلاي كۆزۈمنى يۇمماي سېنى كۆرمەسەم دىلئارام.
مەشرەب.
2. ئۆز سۈزىگە بۇرراۋەدى ھەرىف،
شەياتىن ئاڭا كۈن ئالۇر يالبارىف.
موللا شاكىر.
3. سەير ئېتىپ كۆردۈم جەھاننىڭ بىر بىرىن باشدىن ئاياق،
كۆرمەدىم سەندەك يەنە بىر دىلبەرى رەئنا ھەرىف.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارىشى، مۇقابىل؛ شېرىك، كەسىپداش؛ ئۇلپەت، ئاغىنە.