Uyghur←Chinese主要词典
ھەربىينىڭ نىكاھ ئىشىنى بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
破坏军婚罪
pò huài jūn hūn zuì
بۇ - ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىينىڭ جۆرىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولغان ياكى نىكاھلىنىۋالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىينىڭ نىكاھ، ئائىلە مۇناسىۋىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىينىڭ جۆرىسى بىلەن بىر ئۆيكە كىرىۋېلىش ياكى نىكاھلىنىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
259 - ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جۆرىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيكە كىرىۋالغان ياكى توي قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
خىزمەت ھوقۇقىدىن، بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، رەسمىي ھەربىينىڭ خوتۇنىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 623 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.