Uyghur主要词典
ھەربىيلەرنى قىسىمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇترىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنى قىسىمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇتراتقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە قىسىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەربىيلەرنى قىسىمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
373 - ماددا ھەربىيلەرنى قىسىمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇتراتقان ياكى قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياللاپ ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.