Uyghur主要词典
ھەقىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۆۋەن، پەس، قەدىرسىز، ئېتىبارسىز؛ كۈچسىز، خار، ھالسىزلانغان، كۈچسىزلەنگەن، چارىسىز؛ كىچىك، ئەرزىمەس؛ بىچارە:
كى تۇججارلارنىڭ ئەسىرى بولۇپ،
كىراكەشلەرنىڭ ھەقىرى بولۇپ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇشبۇ تەكەللۇمنى ئىشتىپ فەقىر،
ئاجىزۇ ھەيرانۇ فەقىرۇ ھەقىر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىچارە، مىسكىن، خارلانغان، سارسىلغان، قەدىرسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېتىبارسىز تاشلىنىپ قالغان.
ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس. كىمنىڭ ئارزولۇقى كىمگە خار بولمىغان. خور بولغىچە، ئۆر بول. پۇلى بارلار ئۇ دۇنيادىمۇ ھەقىر بولماس. زەبۇنلۇق زار قاقشىتىدۇ.