Uyghur主要词典
ھەپتە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۈشەنبىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان يەتتە كېچە - كۈندۈزنى ئىچىگە ئالغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى.
ھەپتە ئۆتتى، ھەمدەم بولالمىدىم. يەتتە كۈننىڭ ئالتە كۈنى <بە>، بىر كۈنى <مە>. نەچچە جۈمە ئۆتتى ئارقا - ئارقىدىن، بىرىمۇ توختاپ قالمىدى، تەلەپ - ئىلتىماستىن.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.
بۇ خىل ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلى ئەڭ دەسلەپ قەدىمكى مىسىرلىقلار، بابىللىقلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يەتتە كۈننىڭ ھەر بىرىگە بىردىن پلانېتنىڭ نامىنى قويۇش ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن پلانېتنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن: سەكەنتر، ئوڭاي، كورۇد، قۇياش، سەۋىت، ئارزۇ، يالچىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ئاستر> دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە بولغان يەتتە كېچە - كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى. ئۆتكەن ھەپتە. ھەپتە بېشى. ھەپتە ئاخىرى.
ئومۇمەن بىرەر كۈندىن باشلاپ ھېسابلىندىغان يەتتە كېچە - كۈندۈزدىن ئىبارەت ۋاقىت.
بىر ھەپتە تۇرماق. ئىككى ھەپتىدە كەلمەك