Chinese→Uyghur主要词典
痕迹器官
بىئولوگىيە
قالدۇق ئورگان
جانىقلار قالدۇقى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، جانلىقلار يەككە تېنىنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى ياكى كۆرۈنەرلىك فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى بولمىغان ئورگانلار. ھايۋانلاردا، تۆۋەن دەرىجىلىك تۈرلەدىن ئىنسانلارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئازدۇر - كۆپتۇر بەزى قالدۇق ئورگانلار ساقلانغان. مەسىلەن، دېڭىز دېلفىنى ۋە بەزى يىلان تۈرىدىكىلەر ئارقا پۇت سۆڭىكى ساقلانغان، پاشا، چىۋىن قاتارلىقلارنىڭ ئارقا قانىتى تەڭپۇڭ ساقلاش كالتىكىگە ئۆزگەرگەن. ئادەمنىڭ سوقۇر ئۈچىيى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە، قۇلاق مۇسكۇلى، ئۈچىنچى قاپاق پەردىسى، قويرۇق ئومۇرتقا سۆڭىكى قاتارلىقلار ساقلانغان. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بۇغداي ۋە شالنىڭ چېكىنگەن گۈل يېپىنچىسىمۇ قالدۇق ئورگانغا كىرىدۇ. قالدۇق ئورگانلارنىڭ ساقلىنىشى ھەر خىل ئورگانلارنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى ۋە شۇ خىل جانلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىشىنى دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.مەسىلەن، كىتتىكى بەلباغ ۋە ئارقا پۇتنىڭ ئىزى، ئۇنىڭ تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سۇدا ياشاشقا ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.