Chinese→Uyghur主要词典
恒枝岛事件
دۇنيا تارىخى
خائىڭگىي ئارىلى ۋەقەسى
بىرمىنىڭ ئائۇڭزىيا خانلىقى دەۋرىدىكى ئەنگلىيەمۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋەقەسى. خائىڭگىي ئارىلى (يەنى ناگرېس ئارىلى) ئىرراۋاددى دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان. 1753-يىلى ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئىگىلىۋالغان. 1757-يىلى ئائۇڭزېيا شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ بۇ ئارالدا ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلغان ھەمدە ئەگەر بىرما چەت ئەل بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان تەقدىردە، ئەنگلىيە بىرمىغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1759-يىلى، ئارالدىكى ئەنگلىيىلىكەر خانلىققا قارشى باش كۆتۈرۈپ چىققان مېڭلارغا قورال - ياراق سېتىپ بەرگەن، ئائۇڭزېيا بىلىپ قالغاندىن كېيىن ئارالغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ماگىزىنلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئارالدىكى بەزى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. كېىن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئادەم ئەۋەتىپ ئارىلىشىپ، زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. پادىشاھ نائۇڭداۋى (1760 - 1763) ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ پەقەت رانگون ۋە باسسېيىندىلا ماگىزىن ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان.