Uyghur←Chinese主要词典
ھەمراھ ھۈجەيرە
بىئولوگىيە
伴胞
bànbāo
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشىملىك قىسىمدىكى بىرخىل كىچىك نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرە. ئۇ غەلۋىرسىمان قانال مولېكۇلىلىرى بىلەن ئوخشاش بىر ئانا ھۈجەيرىدىن پەيدا بولغان بولۇپ غەلۋىرسىمان قانال بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھەمراھ ھۈجەيرە ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، قويۇق سىتوپلازما ۋە روشەن يادروسى بولىدۇ. سىتوپلازمىسى پوستىدىكى كىچىك تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق غەلۋىرسىمان قانال بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ رولى قەنتلەرنىڭ غەلۋىرسىمان قانالغا كىرىپ - چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ھەمراھ ھۈجەيرە بولمايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
伴细胞
bàn xì bāoDئۆسۈملۈك
伴胞
bàn bāo