Uyghur主要词典
ھەمدەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆھبەتداش، ئۈلپەت، بىرگە يۈرگۈچى، دوست:
سەر بەسەھرا ئۇرغۇمۇ جاندىن داغى كەچكۈمدۇرۇر،
بۇ جەھان ئىچرە ماڭا جانان ئەگەر ھەمدەم ئەمەس.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئولتۇرۇش، زىياپەتلەردە بىللە بولىدىغان دوست.
<چۆپقەت> سودا - سېتىقتا، يۈرۈش - تۈرۈشتا دائىملىق خېرىدار.
ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق. ئۈلپەت تاپ، قۇدرەت تاپ. قاسساپ چۆپقىتىگە ئۇستىخان بېرەر. ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق. قولنى قولغا بېرىپ بولمىساق ھەمدەم، شادلىق ئايىغىدىن پەشۋا يېمەس غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
باشقىلار بىلەن كۆپىنچە بىللە بولىدىغان، سۆھبەتلىشىدىغان، يار - يۆلەك بولىدىغان ئادەم؛ ئۈلپەت.
ھەمدەم بولماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
سىرداش دوست، ھەمنەپەس
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(پارىسچە)
دوست-يارەن، سادىق، ۋاپادار دوست. ئاتىسىغا، باشقا بالىلارغا دوست، ھەمراھ بولۇپ تۇرسۇن، دېگەن مەنىدە.