Uyghur主要词典
ھەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچى، بىر خىللىققا ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەرنى بىرىكتۈرىدۇ.
خەلققە ھەمىشە مېھرىبان بول، ياخشىلىققا تىرىش ۋە ئامان بول. ھىجران قايغۇسى ھەم ۋىسال شادلىقىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگەن ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ. كىمدە كىم ئادەملىك ھەمدە ئىدراك - پەم، ئۆلۈك مىسالىدۇر تىرىكلىكتە ھەم. ئەمەت، سەمەت، يەنە مەمەتلەر ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. مەزىن بىلەن خوراز قورسىقى ئاچقاندا توۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
باغل. قوشما جۈملىلەر تەركىبىدىكى تەڭداش ئاددى جۈملىلەرنى ۋە جۈملە تەركىبىدىكى تەڭداش سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىنى بىر - بىرىگە باغلايدۇ.
مەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىتاب كۆردۈم ھەم خاتىرە يازدىم.
يۈك. جۈملىدە بىرەر بۆلەكتىن كېيىن كېلىپ، ئۇنى ئىنتوناتسىيە جەھەتتىن تەكىتلەش ياكى مەنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق چاغدا < - مۇ> يۈكلىمىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
- ھەئە، - دېدى بوۋاي ھەم مېنى تونۇغاندەك بولۇپ.