Chinese→Uyghur主要词典
赫洛普科起义
دۇنيا تارىخى
خلوپكو قوزغىلىڭى
ⅩⅤⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيە دېھقانلىرىنىڭ چار پادىشاھنىڭ قېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى قوزغىلىڭى. ئۇنىڭ رەھبىرى خلوپكو بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅤⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇرۇش يىلمۇ يىل ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلغان، باج - سېلىق كۆپەيگەن ۋە فېئودللارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ئېغىرلاشقان. بۇنىڭ ئۈستىگە 1601 - 1603 - يىللىرى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاشلىق باھاسى تېزلا ئۆرلەپ كەتكەن؛ دېھقانلار ئارقىمۇ ئارقا قېچىپ كەتكەن، نۇرغۇن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنى قۇللۇققا سېتىشقا مەجبۇر بولغان. سىنىپىي كۈرەش كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن. 1603-يىلى خلوپكو روسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. يانچىلار، كازاكلار <بۇلاڭچىلار> قوشۇنىغا ئۇيۇشقان. قوزغىلاڭ تېزدىنلا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا رايونىنى قاپلاپ كەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن چار پادىشاھى بورىس گودۇنوۋ ئەۋەتكەن جازا يۈرۈشى قىلغۇچى ئەترىتىنى مەغلۇپ قىلغان، چار پادىشاھى ھۆكۈمىتى ئالاقزادە بولۇپ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەر كۈچىنى توپلاپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولغان. ئىككى تەرەپ موسكۋا ئەتراپىدا كەسكىن جەڭ قىلىشقان. قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاچقا مەغلۇپ قىلىنغان. خلوپكو ئەسىر بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلگەن. قېپقالغان بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار شىماىلي ئوكرائىناغا چېكىنىپ بېرىپ، 1606-يىلدىكى بولوتېنىكو قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.